ھەسەتخورلۇق ناچار ئەخلاق ۋە پەسكەش تەبىئەت بولۇپ، ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   ھەسەت بالىياتقۇدىكى تۆرەلمىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ يەنى تۆرەلمە ئوغۇل بولسا، ھەسەت ئۇنى قىزغا ئۆزگەرتەلەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

   ھەسەت بالىياتقۇدىكى تۆرەلمىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ يەنى تۆرەلمە ئوغۇل بولسا، ھەسەت ئۇنى قىزغا ئۆزگەرتەلەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ھەسەت دېگەن ھەسەت قىلىنغۇچى كىشىگە بېرىلگەن ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئۆچ كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ يوق بولىشىنى ئارزۇ قىلىش بولۇپ، بۇ ناچار ئەخلاق، پەسكەش تەبىئەت ۋە چوڭ گۇناھدۇر.

    ھەسەت قىلغۇچى دېگەن نېمەتنىڭ دۈشمىنى بولۇپ، بۇ يامانلىق ھەسەت قىلغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ناچار تەبىئىتىدىن بولىدۇ، ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن كەسىپ قىلىپ ئالغان نەرسە ئەمەس، بەلكى تەبىئىتىنىڭ ناچارلىقى ۋە ئەسكىلىكىدىندۇر. ئەمما سېھىر بۇنىڭ ئەكسىنچە بولىدۇ، چۈنكى سېھىر دېگەن باشقا ئىشلارنى كەسىپ قىلىش ۋە شەيتانىي روھلاردىن ياردەم ئىلىش بىلەن بولىدۇ”. [“بەدەئىئىل پەۋائىد” 2-توم 458-بەت].

    ئىككىنچى: ھەسەت دېگەن ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، قازائى-قەدەر پەقەت دۇئا بىلەن قايتۇرۇلىدۇ، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلىشىدىن ئەنسىرگەن كىشى دۇئا قىلىش، گۈزەل شەكىلدە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىش ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ناچارلىقى ۋە يامانلىقىدىن ساقلىنىشى كېرەك بولىدۇ.   

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ھەسەتخورلۇق يەھۇدىيلارنىڭ ئەخلاقىدىن، چوڭ گۇناھلاردىن بولۇپ ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بەلكى ھەسەت دېگەن ھەسەت قىلغۇچىغا ھەسىرەت، ھەسەت قىلىنغۇچىغا ئۈستۈنلۈكتۇر. بولۇپمۇ ھەسەت قىلغۇچى ھەسەت قىلىنغۇچىغا ھەددىدىن ئاشقاندا شۇنداق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا چوقۇم زالىمدىن ئىنتىقام ئالىدۇ”. [“نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى” 2-توم 24-بەت].

    ھەسەت ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن ھېچ نەرسىنى قايتۇرالمايدۇ، ھەسەتتىن بىر نەرسىدىن ئەنسىرگەن كىشى دۇئا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھدىن ياردەم سورىسۇن، دۇئا بىز يۇقىرىدا سۆزلىگەن بويۇنچە تەقدىرنى قايتۇرىدۇ.  

ئۈچىنچى: ھەسەت قىلغۇچىنىڭ يامانلىقى ھەسەت قىلىنغۇچىدىن تۆۋەندىكىدەك ئون تۈرلۈك سەۋەپ بىلەن قايتۇرۇلىدۇ:

   بىرىنچى: ھەسەتخورنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھغا سېغىنىپ پاناھلىق تېلەش.

   ئىككىنچى: ئاللاھنىڭ بۇيرۇق، چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلىپ ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىش كېرەك. ئاللاھقا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلغان كىشىگە ئاللاھ ئىگە بولىدۇ ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. ئۇنى باشقىلارغا تاشلاپ قويمايدۇ.

   ئۈچىنچى: دۈشمەنلىرىدىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋىر قىلىش، ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشماسلىق، ئۇنىڭدىن شىكايەت قىلماسلىق، ئۇنىڭ ئەزىيەتلىرىنى كۆڭلىگىمۇ كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ۋە سەۋىر قىلىشقا ئوخشاش ئۆزىنىڭ دۈشمىنى بولغان ھەسەتخوردىن غالىپ كىلىدىغان كاتتا قورال يوق.

   تۆتىنچى: ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىش، كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىدىكەن ئاللاھ ئۇ كىشىگە كۇپايە قىلىدۇ، ئىنسان ئۈچۈن دۈشمەنلەرنىڭ دۈشمەنلىكىنى، زالىملارنىڭ زۈلمىنى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىنى مۇداپىئە قىلىشتا ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەۋەككۇل قىلىشتىنمۇ كۈچلۈك سەۋەپ بولمايدۇ. تەۋەككۇل قىلىش بۇنىڭدىكى ئەڭ كۈچلۈك سەۋەپتۇر.  

   بەشىنچى: ھەسەتخورنى ئويلاش ۋە ئۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن كاللىسىنى ئازات قىلىش كېرەك، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماسلىق، قورۇقماسلىق كېرەك، دىلىغا بۇنداق پىكىرلەرنى كەلتۈرمەسلىك لازىم، مانا بۇ ھەسەتنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىشقا ياردەم بېرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك سەۋەپ ۋە مەنپەئەتلىك ئىلاجدۇر.

    ئالتىنچى: ئاللاھقا سەمىمى بولۇپ، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىش كېرەك.

    يەتتىنچى: ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىش ئارقىلىق دۈشمەنلىرى ئۇنىڭغا ئۈستۈن بولىۋالغان بارلىق گۇناھلاردىن ساپ بولۇش كېرەك. 

    سەككىزىنچى: مۇمكىن بولغان مىقداردا ياخشىلىق  قىلىش ۋە خەيرى-ئېھسان قىلىش كېرەك، ھەقىقەتەن بۇنداق قىلىشنىڭ  كۆزى ياماننىڭ ھەسەتخورنىڭ شەررىدىن كىلىدىغان بالا-مۇسىبەتلەرنى قايتۇرۇشتا ئاجايىپ تەسىرى بار.  

    توققۇزۇنچى:  سەدىقە ۋە ياخشىلىق قىلىش دېگەن ئىنسانغا ئەڭ قېيىن ۋە مۇشەققەتلىك بولغان بىر سەۋەپ بولۇپ، بۇنداق قىلىشقا ئاللاھنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشىغا مۇۋەپپەق بولغان كىشىلا ئېرىشەلەيدۇ.  ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق ھەسەتخورنىڭ، ھەددىدىن ئاشقۇچىنىڭ ۋە ئەزىيەت يەتكۈزگۈچىنىڭ يامانلىق ئۇچقۇنلىرىنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرى، يامانلىقى، ھەددىدىن ئېشىشى ۋە ھەسەتخورلىقى كۈچەيگەنسىرى ئۇلارغا ياخشىلىقنى زىيادە قىلىش كېرەك، بۇنداق قىلىش ئۇلارغا نەسىھەت ۋە كۆيۈنۈش بولىدۇ.

    ئونىنچى: يۇقىرىقى سەۋەپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ژۇغلانمىسى ۋە ئاساسلىق يادرۇسى: تەۋھىدنى خالىس قىلىپ، سەۋەپلەر توغرىسىدا پىكىر قىلىشتىن ھەممىدىن غالىپ بولغان، ھېكمەتلىك سەۋەپنىڭ ئىگىسى بولغان زاتنىڭ تەرىپىگە يۆتكىلىشتىن ئىبارەتتۇر. مۇشۇ سەۋەپلەرنىڭ شامالنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئورنىدا ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ تۇتقۇچى ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرگىچى، ياراتقۇچى زاتنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ھېچ قانداق پايدا ياكى زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك. [“بەدائىئۇل پەۋائىد” 2-توم 463-469-بەتتىن قىسقارتىلدى].

 105471   نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن. 

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

Leave a Comment

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Scroll to Top