ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ، كېچىلىرى ئىبادەت قىلىدۇ ئەمما خوشنىلىرىغا ۋە ئايالىغا يامانلىق قىلىدۇ

سۇئال

سوئال:
بەش ناماز مەسجىدتە ئوقۇيدىغان، كېچىسى ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىدىغان، پەرز روزىدىن باشقا ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى نەپلە روزا تۇتىدىغان، ھەر ئاينىڭ 13- 14- 15- كۈنلىرى سۈننەتكە ئەگىشىپ روزا تۇتىدىغان، لېكىن ئايالىغا ئەخلاقلىق بولماي ھەمىشە ئۇرۇشىدىغان، خوشنىلىرىغا ۋە يېقىنلىرىغا يامان مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم توغرۇلۇق نېمە دەيسىز؟

قەييىم مەدارىج ئەسسالىكىين ناملىق ئەسىرىنىڭ 2-
توم 307- بېتىدە دىننىڭ ھەممىسى گۈزەل ئەخلاقتۇر. ئەخلاقتا سىزدىن ئېشىپ كەتكەن
كىشى دىندىمۇ ئېشىپ كەتكەن بولىدۇدەپ مەخسۇس بىر باپتا توختالغان.
قىسقىسى، گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاساسلىرىدىن ۋە غايىلىرىدىن
بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىش بىز ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. بۇ گۈزەل ئەخلاقنىڭ نەقەدەر
مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكى ئۈچۈن ئوپئوچۇق دەلىلدۇر.
ئاللاھقا ئىشەنگەن ھەر بىر مۇسۇلمان بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. ئايالىغا ۋە
خوشنلىرىغا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان بۇ كىشىدىن ئىبرەت ئېلىشىڭلار لازىم. ئاللاھ ئۇنىڭ
قىلغانلىرىدىن رازى ئەمەستۇر. بەلكى ئۇنىڭغا غەزەب قىلىدۇ. ئۇنىڭ قىلغان
ئىبادەتلىرىنىڭ پايدىسى قېنى؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ قەلبىگە تەسىر كۆرسىتەلمىدى؟
ئۇنىڭغا ياخشى نەسىھەت قىلىش كېرەك. ئۇنىڭ ئىبادەتكە ھېرىسلىقى نەق ياخشىلىقنىڭ
ئۇرۇغىدۇر. ئىمام ئەھمەدمۇسنەد ناملىق ئەسىرىنىڭ 2- توم 447- بېتىدە، ئەبۇ
ھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا
كېلىپ، پالانى كېچىسى ناماز ئوقۇيدۇ. كۈندۈزى ئوغۇرلۇق قىلىدۇ، دېگەندە، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭ دېگەنلىرى ئۇنى ئوغۇرلۇقتىن توسىدۇدېگەن. (ھەيسەمىي بۇ
ھەدىسنى رىۋايەت قىلغانلارنىڭ راستچىللىقىنمى ئېيتقان. شۇئەيب ۋە باشقىلار
سەنەدىنىڭ دۇرۇسلىقىنى سۆزلىگەن.

Leave a Comment

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Scroll to Top