كۇپرى سۆزلەرنى ئېغىزىغا ئالغاننىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

بىز بىر توپ ياشلار تۈنۈگۈن شاھمات ئويناۋېتىپ بىر ياشنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن خاتالىشىپ قالدۇق، ئۇلار مېنىڭ ئۆيۈمگە توپلاشقان ئىدى، ئۇلاردىن بىرسى: ئەگەر ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈپ بۇ يەرگە ھازىر بولغان بولسا ھەرگىزمۇ بۇنداق ھەرىكەتلەر بولمايتتى، ئەگەر ئاللاھنىڭ ئۆزى بۇ يەرگە كەلسە بۇ ھەرىكەت بولمايتتى دېگەندەك سۆزلەرنى قىلدى، مەن ئۇنىڭغا:  ئى پالانى! بۇنداق سۆزلەرنى قىلماڭ، بۇنداق دېيىش ھارام دېدىم، لېكىن ئۇ ماڭا يۇقىرىدىكى سۆزنى تەكرارلىدى، مەن ئۇنىڭغا:  سەن بۇنداق سۆزنى تەكرار قىلساڭ ئىككىنچى مېنىڭ ئۆيۈمگە كەلمە دېدىم، ئۇ بولىدۇ دەپ چېقىپ كەتتى، قالغان ياشلار ماڭا:  بۇنداق قىلىشىڭىز توغرا بولمىدى، ئۆيىڭىزگە كەلگەن كىشىگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ دېيىشتى، مەن ئاللاھ ئۈچۈن ئاچچىقىم كېلىپ شۇنداق قىلدىم، مېنىڭ سوئالىم: ئۇ بۇرادىرىمىز ئاللاھ تائالانى مەسخىرە قىلسا مېنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ھېچ نەرسە دېمەي جىم تۇرىشىم كېرەكمۇ؟. پەقەت دىلىم بىلەن ئىنكار قىلىشىم ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىزلىقىنىڭ قاتارىدىنمۇ؟، مۇشۇنداق سۆزلەرنى قىلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ ، سىلىچە مېنىڭ قىلغان ئىشىم توغىرمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

بىز بىر توپ ياشلار تۈنۈگۈن شاھمات ئويناۋېتىپ بىر ياشنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن خاتالىشىپ قالدۇق، ئۇلار مېنىڭ ئۆيۈمگە توپلاشقان ئىدى، ئۇلاردىن بىرسى: ئەگەر ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈپ بۇ يەرگە ھازىر بولغان بولسا ھەرگىزمۇ بۇنداق ھەرىكەتلەر بولمايتتى، ئەگەر ئاللاھنىڭ ئۆزى بۇ يەرگە كەلسە بۇ ھەرىكەت بولمايتتى دېگەندەك سۆزلەرنى قىلدى، مەن ئۇنىڭغا:  ئى پالانى! بۇنداق سۆزلەرنى قىلماڭ، بۇنداق دېيىش ھارام دېدىم، لېكىن ئۇ ماڭا يۇقىرىدىكى سۆزنى تەكرارلىدى، مەن ئۇنىڭغا:  سەن بۇنداق سۆزنى تەكرار قىلساڭ ئىككىنچى مېنىڭ ئۆيۈمگە كەلمە دېدىم، ئۇ بولىدۇ دەپ چېقىپ كەتتى، قالغان ياشلار ماڭا:  بۇنداق قىلىشىڭىز توغرا بولمىدى، ئۆيىڭىزگە كەلگەن كىشىگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ دېيىشتى، مەن ئاللاھ ئۈچۈن ئاچچىقىم كېلىپ شۇنداق قىلدىم، مېنىڭ سوئالىم: ئۇ بۇرادىرىمىز ئاللاھ تائالانى مەسخىرە قىلسا مېنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ھېچ نەرسە دېمەي جىم تۇرىشىم كېرەكمۇ؟. پەقەت دىلىم بىلەن ئىنكار قىلىشىم ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىزلىقىنىڭ قاتارىدىنمۇ؟، مۇشۇنداق سۆزلەرنى قىلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ ، سىلىچە مېنىڭ قىلغان ئىشىم توغىرمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: سىلەرنىڭ دوستۇڭلارنىڭ سۆزلىگەن سۆزى بەڭ كاتتا سۆز، مۇسۇلماندىن بۇنداق سۆزنىڭ سادىر بولىشى توغرا بولمايدۇ، بۇ ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولغانلىق، بۇنىڭدا ئاللاھنى كۆزگە ئىلماسلىق ۋە تۆۋەن كۆرۈش بولىدۇ. ئاللاھ تائالا «بول» دېگەن سۆز بىلەن دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە ۋە دۇنيادىكى ئىنسانلاردىن تارتىپ  ھەممە نەرسىنى ھالاك قىلىۋېتىشكە قادىردۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إِنَّمَا أَمْرُهُ إِذَا أَرَادَ شَيْئًا أَنْ يَقُولَ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ ‏ تەرجىمىسى: « ئاللاھ بىرەر شەيئىنى يارىتىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ» [سۈرە ياسىن 82 –ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا قَدَرُوا اللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِ وَالْأَرْضُ جَمِيعًا قَبْضَتُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَالسَّمَاوَاتُ مَطْوِيَّاتٌ بِيَمِينِهِ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَى عَمَّا يُشْرِكُونَ‏ تەرجىمىسى: «ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلار(يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر». [سۈرە زۇمەر 67 –ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ هُوَ الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ قُلْ فَمَنْ يَمْلِكُ مِنْ اللَّهِ شَيْئًا إِنْ أَرَادَ أَنْ يُهْلِكَ الْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَأُمَّهُ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا يخْلُقُ مَا يَشَاءُ وَاللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ ‏ تەرجىمىسى: «مەريەم ئوغلى مەسىھ(يەنى ئىيسا) ئاللاھتۇر دېگەن كىشىلەر ھەقىقەتەن كاپىر بولدى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، ئەگەر ئاللاھ مەريەم ئوغلى مەسىھنى، مەسىھنىڭ ئانىسىنى (يەنى مەريەمنى) ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ (نىڭ ئىرادىسى) دىن بىرەر نەرسىنى توسۇشقا كىم قادىر بولالايدۇ؟. ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغىنىنى خەلق ئېتىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.» [سۈرە مائىدە 17 –ئايەت].

   ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:  وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ لَيَقُولُنَّ إِنَّمَا كُنَّا نَخُوضُ وَنَلْعَبُ قُلْ أَبِاللَّهِ وَآيَاتِهِ وَرَسُولِهِ كُنْتُمْ تَسْتَهْزِئُون لا تَعْتَذِرُوا قَدْ كَفَرْتُمْ بَعْدَ إِيمَانِكُمْ إِنْ نَعْفُ عَنْ طَائِفَةٍ مِنْكُمْ نُعَذِّبْ طَائِفَةً بِأَنَّهُمْ كَانُوا مُجْرِمِينَ‏ تەرجىمىسى: «مۇھەممەد! ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ مەسخىرە قىلغانلىقىنى سورىساڭ، ئۇلار:  بىز پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق دەيدۇ.  بۇ مۇناپىقلارغا: سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابىنى) ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟ دېگىن سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنىراست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى(يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى) ئۈچۈن جازالايمىز.» [سۈرى تەۋبە 65 – 66 -ئايەت.]

    ئىككىنچى:مۇشۇ سۆزنى قىلغۇچى ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ ئىمانىنى يېڭىلاپ، ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى تەكرارلاپ، ئاللاھنىڭ كاتتىلىقى، ئۇلۇغلىقى ۋە بۈيۈكلىكىنى ئىقرار قىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ سۆزىدە چىڭ تۇرۇپ تەۋبە قىلمايدىكەن، ئۇ ئىسلامدىن چېقىپ كەتكەن مۇرتەد كاپىر بولىدۇ.

   ئۈچىنچى: سىز قىلغان ئىشىڭىزنى خاتا دەپ قارىمايمىز، سىزنىڭ توغرا بولمىغان مۇنكەر ئىشقا رەددىيە بېرىشىڭىز زۆرۈر، چەكلەنگەن مۇنكەر ئىشلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى: ئاللاھ تائالانى تىللاش، مەسخىرە قىلىش بولۇپ، بۇنى ئاڭلاپ ئىنكار قىلىشقا قادىر بولغان كىشىنى سۈكۈتتە تۇرۇشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى كۈچىنىڭ يېتىشچە ئىنكار قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ، قولى بىلەن، تىلى بىلەن چەكلەش كېرەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دىلى بىلەن ئىنكار قىلىشقا قولى بىلەن ۋە تىلى بىلەن ئىنكار قىلىشقا قادىر بولالمىغان ۋاقىتتا رۇخسەت قىلغان. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن كىمكى بىر مۇنكەر ئىشنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا دىلى بىلەن ئىنكار قىلسۇن بۇ ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز قىسمىدۇر. [ مۇسلىم رىۋايىتى 49-ھەدىس].

    ئەسلىدە دوستلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى سىز بىلەن بىرلىكتە بۇ ئوچۇق كۇپۇر بولغان ئىشنى ئىنكار قىلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ دىلىدا ئاللاھنىڭ كاتتىلىقى تولۇق ئورناشمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنى  تىللىغانلىق ۋە كاپىر بولغانلىقتىن ئىبارەت بۇ قىلمىش ئاددى سانالغان.

   بەلكىم سىزنى ئۇ دوستىڭىزنى ئويدىن قوغلىۋەتمىگەن بولسىڭىز، ھەتتا ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئۇنى تەۋبە قىلىپ، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، ئاللاھدىن كەچۈرۈم سوراشقا يىتەكلىشىڭىز مۇمكىن ئىدى. لېكىن دوستىڭىزدىن سادىر بولغان چوڭ جىنايەتكە نىسبەتەن  سىزدىن سادىر بولغان ئىش بەك كېچىك تۇرسا، نېمە ئۈچۈن چوڭ ئىشتىن سۈكۈت قىلىدۇ؟.

    تۆتىنچى: شاھمات ئويناش ئىنساننى ناماز قاتارلىق ئىبادەتلەردىن مەشغۇل قىلىپ قويسا ياكى يالغانچىلىق، دەشنام قاتارلىق ھارام ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالسا، ئۇ ۋاقىتتا بارلىق ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ھارام بولىدۇ.

ئەگەر ئىبادەتتىن مەشغۇل قىلمىسا، ھارام ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالمىسا، بۇنىڭدا ئىختىلاپ بولۇپ، ھەنەپىي، مالىكىي، ھەنبەلىي ۋە بەزى شاپىئىي ئالىملىرىن بولغان كۆپچىلىك پىقھى  ئالىملارنىڭ قارىشىدا ھارامدۇر. ساھابىلارمۇ شۇنداق پەتىۋا بەرگەن. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن 1405- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن. يەنە شاھماتنىڭ قانداق شەكىلدە ئاللاھقا كاپىر بولۇشقا ئىلىپ بارىدىغانلىقىغا قارالسۇن، ئاللاھ تائالا شۇنىڭدىن ساقلىسۇن.

    سىزگە زۆرۈر بولغىنى بۇ ئويۇننى تاشلاپ ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭ. ئاللاھ تائالادىن سىز ۋە بىزگە تەۋپىق ئاتا قىلىشنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

Leave a Comment

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Scroll to Top