قەسەمدىن قايتىۋېلىش توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

  بىر ئىشنى قىلمايمەن دەپ قەسەم قىپتۇ، لېكىن ئۇ كىشىنىڭ قەسىمىدىن يېنىۋالغۇسى بولسا قانداق قىلىدۇ؟ كاپارەت بەرسە بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

  بىر ئىشنى قىلمايمەن دەپ قەسەم قىپتۇ، لېكىن ئۇ كىشىنىڭ قەسىمىدىن يېنىۋالغۇسى بولسا قانداق قىلىدۇ؟ كاپارەت بەرسە بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: قەسەمدىن يېنىۋېلىشنىڭ ھۆكمى.

   بىر ئىشقا قەسەم قىلىپ كېيىن ئۇنىڭدىن قايتىۋالماقچى بولسا، قايتىۋېلىش ھارام ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالمىسا ئۇ ۋاقىتتا قەسىمىدىن يېنىۋالسا بولىدۇ، ئۇ كىشىگە قەسەمنى بۇزغانغا كاپارەت كېلىدۇ.

   ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بىر ئىشقا قەسەم قىلىپ، ئۇنىڭ غەيرىدىكى يەنە بىر ئىشنى قەسەم قىلغان ئىشتىن ياخشى دەپ قارىسام، قىلغان قەسەمگە كاپارەت بېرىپ ئۇنىڭدىن ياخشىراق بولغان ئىشنى قىلىمەن ». [بۇخارى رىۋايىتى6718  -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1649  -ھەدىس].

   ئابدۇرەھمان بىن سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەي ئابدۇرەھمان بىن سەمۇرە!ھوقۇق تۇتۇشنى تەلەپ قىلما، ئەگەر سەن تەلەپ قىلىپ ئېرىشسەڭ ئۇ ئىش ساڭا ھاۋالە قىلىندى،  سورىماستىن ۋە تەلەپ قىلماستىن مەسئۇل قىلىنساڭ، ياردەم بېرىلىسەن، بىر ئىشقا قەسەم قىلىپ، ئۇنىڭدىن ياخشىراق يەنە بىر ئىشنى كۆرسەڭ، قەسىمىڭگە كاپارەت بېرىپ ياخشى دەپ قارىغان ئىشنى قىلغىن».  [بۇخارى رىۋايىتى 6622 –ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1652-ھەدىس].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئىشقا قەسەم قىلىپ، ئۇنىڭدىن ياخشىراق يەنە بىر ئىشنى كۆرسە، ياخشى دەپ قارىغان ئىشنى قىلسۇن ۋە قەسىمىگە كاپارەت بەرسۇن.»[ مۇسلىم رىۋايىتى 1650-ھەدىس].

   ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ”مۇسلىمنىڭ شەرھىسى”  11 -توم 108 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ” يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەر كىمكى بىر ئىشنى قىلىمەن ياكى قىلمايمەن دەپ قەسەم قىلغان بولسا، قەسىمىدە چېڭ تۇرىۋېلىشتىن قەسەمنى بۇزۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، قەسەمنى بۇزۇش ياخشى بولىدۇ، كاپارەت كېرەك بولىدۇ، بۇ ئالىملار ئارىسىدا ئىتتىپاق كەلگەن مەسىلىدۇر”.

   ئەمدى قەسەمنى بۇزۇپ بولغاندىن كېيىن كاپارەت بېرەمدۇ ياكى قەسەمنى بۇزۇشتىن ئىلگىرى بېرەمدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ بار:

   ئالىملار، قەسەمنى بۇزۇشتىن ئىلگىرى كاپارەت كېرەك بولمايدۇ دېگەنگە بىرلىككە كەلدى. كاپارەتنى قەسەمنى بۇزۇپ بولغاندىن كېيىن بېرىش توغرا بولىدۇ، قەسەمنى قىلىشتىن ئىلگىرى كاپارەت  بېرىش توغرا بولمايدۇ.

   ئالىملار كاپارەتنى، قەسەمدىن كېيىن ئۇنى بۇزۇشتىن ئىلگىرى بېرىشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، ساھابىلاردىن ئون تۆت كىشى، تابىئىنلاردىن بىر جامائەت، ئىمام مالىك، سۇپيان سەۋرىي ۋە ئىمام شاپىئىي قاتارلىقلار  كاپارەتنى قەسەمنى بۇزۇشتىن ئىلگىرى بەرسە توغرا بولىدۇ دېدى، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بولسىمۇ لېكىن ئۇلار:  كاپارەتنى قەسەمنى بۇزۇپ بولغاندىن كېيىن بېرىش ياخشى دەپ قارىدى، ئىمام شاپىئىي بۇنىڭدىن روزىنىڭ كاپارىتىنى ئايرىۋېلىپ، بۇ بەدەنىي ئىبادەت بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى ۋاقتى كىرىشتىن ئىلگىرى ناماز ئادا قىلىش توغرا بولمىغاندەك، بۇزۇشتىن ئىلگىرى  بېرىش توغرا بولمايدۇ دېدى، ئەمما كاپارەتنى مال بىلەن بېرىدىغان بولسا، خۇددى زاكاتنى ئالدىدىن بېرىش دۇرۇس بولغاندەك كاپارەتنىمۇ بۇرۇن بېرىش دۇرۇس بولىدۇ. 

   بىزنىڭ بەزى كىشىلىرىمىز، ئاسىيلىققا قىلغان قەسەمنى بۇزۇشنى بۇنىڭدىن ئايرىۋالدى ۋە بۇنىڭ كاپارىتىنى بۇرۇن بېرىش توغرا ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئاسىيلىققا ياردەم بېرىشتۇر دېدى، ئەمما كۆپچىلىك ئالىملار: بۇنىمۇ باشقا قەسەملەرنىڭ كاپارىتىگە ئوخشاش بۇرۇن بەرسە كۇپايە قىلىدۇ دېدى.

    ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئەسھابىلىرى، مالىكىي مەزھىپىدىن ئەشھەب قاتارلىقلار: ھەر قانداق ھالەتتە كاپارەتنى قەسەمنى بۇزۇشتىن ئىلگىرى بەرسە توغرا بولمايدۇ دېدى.   كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ دەلىلى:  ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشى ۋە زاكاتنى بۇرۇن بېرىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە قىياس قىلىشتۇر”.

   ئىككىنچى:  قەسەمدىن يېنىۋېلىش ئاسىيلىق قىلىشنى ئۆز ئېچىگە ئالسا قانداق بولىدۇ.

   قەسەمدىن يېنىۋېلىش ئاسىيلىق قىلىشنى ئۆز ئېچىگە ئالسا ئۇنىڭدىن يېنىۋېلىش توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئەگەر زىنا قىلمايمەن، ياكى ھاراق ئىچمەيمەن دەپ قەسەم قىلغان بولسا، قەسىمىگە ۋاپا قىلىش كېرەك بولىدۇ، قەسەمنى بۇزۇش ھارام بولىدۇ.

   قازىي ئىياز “ئىكمالىل مۇلىم”  5 -توم 408 -بەتتە مۇنداق دېگەن: “ھەدىستىكى، ئۇنىڭ غەيرىنى ئۇنىڭدىن ياخشى دەپ قارىسا دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: بىر كىشى ئۆزىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ياخشى بولغان، ياكى گۇناھ بولمىغان ھالەتتە ئۆزىنىڭ كۆڭۈل خائىشىغا، نەپسى شەھۋېتىگە مۇۋاپىق كەلگەن بىر ئىشنى كۆرسە ئىلگىرىكى قەسىمىنى بۇزسا بولىدۇ دېمەكچى”.

   قەسەمنى بۇزۇش ۋە قەسەمدىن يېنىۋېلىش بەزى ۋاقىتتا ئىلگىرىكى مىسالدا بايان قىلىنغاندەك ھارام بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئەگەر ناماز ئوقۇمايمەن، زاكات بەرمەيمەن، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلىمايمەن دەپ قەسەم قىلغان بولسا، بۇ قەسەمنى بۇزۇش زۆرۈر بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا قەسەمنى بۇزۇش قەسەمنىڭ ھېسابى بىلەن مۇستەھەپ ياكى مەكروھ ياكى مۇباھ بولىدۇ، بەش تۈرنىڭ ئارىسىغا كېرىدۇ.

  “ئەل ئىقنائ” 4 -توم 330 -بەتتە مۇنداق دېگەن: قەسەمدىن ۋاجىپ بولغىنى:  گەرچە ئۆزىنى پىدا قىلسىمۇ،  پاك بىر ئىنساننى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ياكى پاك بىر ئىنسان قاتىللىق بىلەن قارىلانسا ئۇ ئاقلاش ئۈچۈن قەسەمگە يۈزلىنىش قاتارلىقلار.

   مەندۇپ بولغىنى: قەسەم ئىككى دەۋاگەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىشتىكى بىرەر مەنپەئەتكە ئالاقىدار بولۇپ قالىدۇ، قەسەم ياكى باشقا يوللار بىلەن مۇسۇلماننىڭ دىلىدىن ئۆچمەنلىكنى ياكى يامانلىقنى يوق قىلىش قاتارلىقلار.

   مۇباھ بولغىنى:  توغرا بولغان بىر ئىشنى قىلىشقا ياكى قىلماسلىققا، ياكى بىر ئىشنى خەۋەر قىلىپ ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ راستچىللىقىنى ياكى باشقىلارنىڭ ئۆزىنى راستچىل دەپ ئويلاپ قىلىشى ئۈچۈن قەسەم قىلىش.

   مەكروھ بولغىنى: مەكروھ ئىشنى قىلىشقا ياكى ياخشى ئىشنى تەرك قىلىشقا قەسەم قىلىش، بۇ خۇددى بازاردا ئالماق ۋە ساتماق ئۈچۈن قەسەم قىلغانغا ئوخشاش.

    ھارام بولغىنى:  قەستەن يالغان قەسەم قىلىش ياكى ئاسىيلىق قىلىش ياكى ۋاجىبنى قىلماسلىققا قەسەم قىلىش قاتارلىقلار.

   قەسەم ۋاجىبنى قىلىش ياكى ھارامنى تەرك قىلىشقا بولغان بولسا، ئۇ قەسەمنى بۇزۇش ھارام بولىدۇ، قەسەمنى ئورۇنداش زۆرۈر بولىدۇ.

    ئەگەر قەسەم مەندۇپنى قىلىش ياكى مەكرۇھنى تەرك قىلىش ئۈچۈن بولغان بولسا، بۇ قەسەمنى بۇزۇش مەكروھ بولىدۇ ئونىڭغا ۋاپا قىلىش مۇستەھەپ بولىدۇ.

    ئەگەر قەسەم مەكرۇھنى قىلىش ياكى مەندۇپنى تەرك قىلىش ئۈچۈن بولغان بولسا، بۇ قەسەمنى بۇزۇش ياخشى بولىدۇ، ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىش ياخشى كۆرەلمەيدۇ.

    ئەگەر قەسەم ھارامنى ئىشنى قىلىش ياكى ۋاجىپ ئىشنى تەرك قىلىش ئۈچۈن بولغان بولسا، بۇ قەسەمنى بۇزۇش ۋاجىپ، ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىش ھارام بولىدۇ.

    ياخشى ئىشتا قەسەمنى بۇزۇشمۇ ياخشى بولىدۇ، لېكىن ۋاپا قىلىش لايىقتۇر”.

    ئەگەر سوئال سورىغۇچىنىڭ قەسەمدىن يېنىۋېلىش بىلەن بولغان مەقسىتى پەقەت قەسەمدىن يېنىشلا بولسا، قەسەمدىن يانسا، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە بېكىتىلمىسە، قەسەممۇ بۇزۇلمىسا، كاپارەتمۇ ۋە باشقا نەرسىمۇ كەلمىسە، بۇنداق بولىشى مۇمكىن بولمايدۇ، ھېچ كىشى مۇنداق دېمەيدۇ، ئەگەر ئۇنداق ئىش بولىدىغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاشۇ ئىشنى قىلغان بولاتتى، قەسەمدىن چېقىشقا شۇ ئىشقا باشلاپ قويغان بولاتتى. قەسەم قىلغان ئىشتىن باشقا بىر ئىشنى ياخشى دەپ قارىغاندا، قەسەم قىلغان ئىشنى قىلمىسىمۇ قەسەمنى بۇزۇشقا، كاپارەتنى بېرىۋېتىپ ياخشى بولغان ئىشنى قىلىشقا يېتەكلىدى.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

Leave a Comment

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Scroll to Top