جۇنۇپ كىشىنىڭ ئەزان ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى ۋە جۇنۇپ ئادەمنىڭ ئەزان توۋلاش ئۈچۈن مەسچىتكە كېرىشى توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

    بىر كىشى جۇنۇپ ھالەتتە  ئۆزىنىڭ جۇنۇپ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ بامدات نامىزىغا ئەزان توۋلىدى، ئەزان توۋلاپ بولغاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ يۇيۇنۇپ كېلىپ پاك ھالەتتە نامازغا تەكبىر ئېيتتى، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟، بىز جۇنۇپ كىشىنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى ھارام دەپ قارايتتۇق؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    بىر كىشى جۇنۇپ ھالەتتە  ئۆزىنىڭ جۇنۇپ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ بامدات نامىزىغا ئەزان توۋلىدى، ئەزان توۋلاپ بولغاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ يۇيۇنۇپ كېلىپ پاك ھالەتتە نامازغا تەكبىر ئېيتتى، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟، بىز جۇنۇپ كىشىنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى ھارام دەپ قارايتتۇق؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   ئەزاننى تاھارەت بىلەن ئوقۇش ياخشى لېكىن زۆرۈر ئەمەس. بۇ توغرىدا مۇنداق ھەدىس كەلگەن: «ئەزاننى تاھارەت ئالغان كىشى توۋلىسۇن» [تىرمىزى رىۋايىتى 147-ھەدىس. بۇ ھەدىس پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بويۇنچە مەرپۇ ۋە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزى بويۇنچە مەۋقۇپ بولۇپ، ھەر ئىككى ھەدىس زەئىپتۇر، سەھىھ ئەمەس. [“تەمامۇن مىننە” ناملىق ئەسەرنىڭ 154-بىتىگە قارالسۇن].

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ “ئەلمۇغنى” 1-توم 248-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: “ئەزان توۋلىغۇچىنىڭ ئەزان توۋلىغاندا چوڭ-كېچىك تاھارەتسىزلىكتىن پاك بولىشى ياخشى بولىدۇ”، بۇنىڭغا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسنى دەلىل قىلغان.

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن: تاھارەتسىز ئەزان توۋلىسا توغرا بولامدۇ؟ جۇنۇپ ھالەتتە ئەزان توۋلىسا قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: “چوڭ-كېچىك تاھارىتى يوق كىشىنىڭ ئەزان توۋلىشى توغرا بولىدۇ لېكىن ياخشىسى چوڭ-كېچىك تاھارەتسىزلىكتىن پاك بولۇپ توۋلىشى ياخشىدۇر”. [“دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى”6-توم 67-بەت].

     جۇنۇپ كىشىنىڭ مەسچىتتە تۇرۇشى چەكلىنىدۇ، لېكىن ئەزان توۋلاش ياكى باشقا ئىشلارغا ئېھتىياجلىق بولغاندا تاھارەت ئىلىپ كىرسە بولىدۇ.

“كەشاپۇل قىننا” 1-توم 148-بەتتە مۇنداق كەلگەن: “جۇنۇپ كىشىنىڭ مەسچىتتە تۇرۇشى چەكلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَلَا جُنُبًا إِلَّا عَابِرِي سَبِيلٍ حَتَّىٰ تَغْتَسِلُوا تەرجىمىسى: «جۇنۇپ بولساڭلار، ـ يول ئۈستىدە بولغانلار (بۇنىڭدىن)مۇستەسنا» [سۈرە نىسا 43-ئايەت].

    لېكىن كېچىك تاھارەت ئىلىپ كىرسە بولىدۇ. سەئىد ئىبنى مەنسۇر ئەتە ئىبنى يەساردىن كەلتۈرگەن ئەسەردە مۇنداق دەيدۇ: “مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بەزىسىنىڭ جۇنۇپ بولۇپ قالغاندا كېچىك تاھارەپ ئېلىپ مەسچىتتە ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم”، “ئەل مۇبدىئدە” بۇنىڭ ئىسنادىنى ياخشى دېگەن. چۈنكى تاھارەت دېگەن جۇنابەتنى يەڭگىللىتىدۇ، بەزى چەكلىمىلەرنى يوق قىلىۋېتىدۇ.

    شەيخۇل ئىسلام تەقىييىددىن ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “بۇنداق ھالەتتە باشقىلار ئۇخلىغاندەك مەسچىتتە ئۇخلىسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ”. “شەرھىل مۇمتىئ” 2-توم 57-بەت.

    ئەزان توۋلىغۇچى ئۆزىنىڭ جۇنۇپ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قىلىپ مەسچىتكە كىرگەن بولسا، ئۇ كىشى ئۈنتۇپ قىلىش سەۋەبىدىن ئۈزۈرلۈك بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَا إِن نَّسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا  تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق (بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىكتىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن.» [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئاللاھ تائالا «شۇنداق قىلدىم» دېگەن. يەنى: ئاللاھ تائالا ئۇنتۇلۇپ قالغان ۋە خاتالاشقان كىشىلەرنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىۋەتكەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 126-ھەدىس].

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

Leave a Comment

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Scroll to Top