بانكىنىڭ سىرتتىن كەلگەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچىغا بېرىدىغان 2% ھەدىيىسىنى ئىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   مەن بىنگالدىن، مېنىڭ قېرىندىشىم قاتاردا ئىشلەيدۇ، ئۇ قاتاردىن  بىنگالغا پۇل ئەۋەتسە، بانكىدىن ماڭا ھەر يۈز رىيالغا ئىككى رىيالدىن قېتىپ ھەدىيە بېرىدۇ، بۇ “مونىي گىرام” ئارقىلىق پۇلنى تىز يەتكۈزۈپ بېرىش دەپ ئاتىلىدۇ، قېرىندىشىم بۇ سېستىمدىن پۇل ئەۋەتىدىغان ۋاقىتتا، ئۇلار پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ ئىسمىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بىر كود بېرىدۇ، مەن قېرىندىشىم ئەۋەتكەن كود بىلەن ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بانكىغا بېرىپ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالىمەن، سوئالىم: پۇل ئەۋەتىش جەريانىدا ھاسىل بولغان ھەدىيەنى ئىلىش توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

   مەن بىنگالدىن، مېنىڭ قېرىندىشىم قاتاردا ئىشلەيدۇ، ئۇ قاتاردىن  بىنگالغا پۇل ئەۋەتسە، بانكىدىن ماڭا ھەر يۈز رىيالغا ئىككى رىيالدىن قېتىپ ھەدىيە بېرىدۇ، بۇ “مونىي گىرام” ئارقىلىق پۇلنى تىز يەتكۈزۈپ بېرىش دەپ ئاتىلىدۇ، قېرىندىشىم بۇ سېستىمدىن پۇل ئەۋەتىدىغان ۋاقىتتا، ئۇلار پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ ئىسمىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بىر كود بېرىدۇ، مەن قېرىندىشىم ئەۋەتكەن كود بىلەن ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بانكىغا بېرىپ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالىمەن، سوئالىم: پۇل ئەۋەتىش جەريانىدا ھاسىل بولغان ھەدىيەنى ئىلىش توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

     بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     سىز سۆزلىگەن ئىشقا توختالمايمىز، ئەسلىدە بانكا يۆتكىگەن مەبلەغگە قېتىپ بەرمەيدۇ بەلكى مەلۇم مىقداردا يۆتكەش ھەققى ئالىدۇ، بۇ ئىشتا سىز دەسلەپتە ئارتۇق بېرىشنى شەرت قىلمىغان بولسىڭىز، سېستىم تىزدىن يەتكۈزۈش بولسا، مالنىڭ بانكىدا مەلۇم مۇددەت قىلىشى شەرت قىلىنمىغان بولسا، بانكا سىزگە مالنىڭ ھەممىسىنى ئېلىش بىلەن بەرگەن ھەدىيەنى ئالسىڭىز خاتا بولمايدۇ.

     بانكا بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچى بىلەن بانكا ئارىسىدكى ئالاقە: ئىجارە ئالاقىسىدۇر.

     دوكتۇر ئابدۇل كەرىم ئىبنى مۇھەممەد ئىسمائىيل مۇنداق دەيدۇ: “مۇئامىلە قىلغۇچى بىلەن بانكىنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقە ئىجارە ئاساسىغا تۇرىدىغان ئالاقە بولۇپ، مۇئامىلە قىلغۇچى بانكىنى يۆتكەيدىغان پۇلنى يۆتكەپ ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە ئىجارىگە ئالىدۇ، بانكا پۇلنى يۆتكەپ ئۇ كىشىگە تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن يۆتكەش ھەققىنى ئالىدۇ”. [“ئۇمۇلاتىل مەسرەپىيە” 262-بەت].

     ئىجارىگە ئالغۇچىدىن ھەدىيە قوبۇل قىلسا بولىدۇ.

    مالنىڭ بانكىغا كىرگەنلىكىنى مۇئامىلە قىلغۇچىدىن بانكىغا بەرگەن قەرز دەپ پەرەز قىلساق، خۇددى ئۆزىنىڭ ھېسابىغا پۇل قويغانغا ئوخشاش بولۇپ، قەرز ئالغۇچى قەرزنى قايتۇرىدىغان ۋاقىتتا ئالغان قەرزدىن زىيادە قايتۇرغان بولسا، بۇنى دەسلەپتە شەرت قىلمىغان بولسا، بۇنى ئالسا بولىدۇ، چەكلىنىدىغان دەسلەپتە ياكى قەرزنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئارتۇق بېرىشنى شەرت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

    بۇنىڭ دەلىلى: ئەبۇ راپىئ رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىدىن بىر بوتۇلاق قەرز ئالغان بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا زاكات تۆگىلىرى كەلتۈرۈلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەبۇ راپىئنى ھىلىقى كىشىنىڭ بوتۇلىقىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرىدى، ئەبۇ راپىئ بوتۇلاق تاپالماي تۆت ياشلىق تۆگە بارلىقىنى دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مەيلى ئۇنى بەرگىن، كىشىلەرنىڭ ياخشىلىرى دېگەن قەرزنى گۈزەل شەكىلدە ئادا قىلغۇچىلىرىدۇر» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 1600-ھەدىس]. 

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر شەرت قىلماستىن مۇتلەق قەرز بەرگەن بولسا، قەرزنى بەرگەن مىقداردىن ياكى سۈپەتتىن ئارتۇق ياكى كەم  قايتۇرغان بولسا، بۇ ئىككىيلەننىڭ رازىلىقى بىلەن بولغان بولسا توغرا بولىدۇ”. [“ئەل مۇغنى”4-توم 242-بەت].

     سۆزنىڭ خۇلاسىسى: بۇ شەكىلدىكى ھەدىيە-سوۋغاتلارنى ئالسا بولىدۇ.

ئەگەر مال بانكا ھېسابىدا تۇرۇپ قالىدىغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا بۇ ھەدىيەنى ئىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى مالنىڭ بانكا ھېسابىدا تۇرۇپ قىلىشى قەرز ھېسابلىنىدۇ. قەرز جەريانىدا ھەدىيە-سوغات ئىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە 106418 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

Leave a Comment

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Scroll to Top