ئەھلى سۈننە بىلەن شىئە مەزھىپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ

سۇئال

شىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىغا كۆرە، سىلەرنىڭ ئەھلى سۈننە بىلەن شىئە مەزھىپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پرىنسىپىغا بولغان كۆز قارىشىڭلار قانداق؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ساھابە
كىراملارنى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) سۆيۈش، ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى
قوغداش، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن رازىلىق تىلەش، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەردىن قالسىلا ئەڭ ئەۋزەل كىشىلەر ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش، شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ئەۋزەلراقى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،
ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،ئۇنىڭدىن كېيىن ئوسمانرەزىيەللاھۇ
ئەنھۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈشبولسا ئەھلى سۈننە جامائىتى ئەقىدىسىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

شىئەلەرنىڭ ئەقىدىسى بولسا: يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، بۇ ئىككى ئەقىدىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، خۇددى يەھۇدى
بىلەن خرىستىئانلارنى،بۇتپەرەسلەر
بىلەن ئەھلى سۈننە
جامائىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولـمىغىنىدەك بىر ئىشتۇر. يۇقىرىدا بايان
قىلغىنىمىزدەك، ئەقىدىدىكى ئوخشاشماسلىق سەۋەبلىك، شىئەلەر بىلەن ئەھلى سۈننە جامائىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولـمايدۇ “.

Leave a Comment

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Scroll to Top