ئېھرامغا كىرگۈچىنىڭ ئادەتتىكى كىيىم-كېچەكنى سىلىۋىتىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟

سۇئال

ھەج-ئۆمرە ئىبادەتلەردە ئېھرام كىيگۈچىنىڭ تىكىلگەن كىيىم كېچەكلەرنى كەيمەسلىكىدىكى ھېكمەت نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇنىڭدىكى
يەنە بىر ھېكمەت: مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى
بىرلىكنى نامايەندە قىلىش، ھەتتا ئۇلارنىڭ
كىيىملىرىمۇ بىر خىل بولىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشتۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىر كەبىنى تاۋاب
قىلىدۇ، بىر ئورۇندا تۇرىدۇ، بىر ئورۇندا
قونىدۇ، بىر ئورۇندا تاش ئاتىدۇ. (ھەج ئىبادىتى
جەريانىدىكى بارلىق پائالىيەتلەر بىرخىل ئۇسۇلدا
ئىلىپ بېرىلىدۇ).

يەنە
بىر ھېكمەت: شۇ ئارقىلىق ئىنسان ئۆزىنىڭ
دۇنيادىن كېتىدىغان ۋاقتىدا ئىھرامدىكىدەك
ھالەتتە كېتىدىغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.
چۈنكى ئىنسان دۇنيادىن ھەرگىزمۇ ئېسىل
كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەن ھالەتتە
ئايرىلمايدۇ، بەلكى دۇنيادىن كېپەن كىيگەن ھالەتتە
ئايرىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا
ھەممەيلەنگە ياردەم بەرگۈچىدۇر.

Leave a Comment

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Scroll to Top