ئۆز ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن پارا بېرىش توغرىسىدا

سۇئال

مېنىڭ بەزى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن قىلىدىغان ئېشىم بار، ئىش بېجىرگۈچى خىزمەتچى پارا ئالمىسا ئېشىمنى ۋاقتىدا بېجىرىپ بەرمەيدۇ، ئېشىمنى ۋاقتىدا بېجىرىش ئۈچۈن خىزمەتچىگە پارا بەرسەم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

مېنىڭ بەزى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن قىلىدىغان ئېشىم بار، ئىش بېجىرگۈچى خىزمەتچى پارا ئالمىسا ئېشىمنى ۋاقتىدا بېجىرىپ بەرمەيدۇ، ئېشىمنى ۋاقتىدا بېجىرىش ئۈچۈن خىزمەتچىگە پارا بەرسەم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا،  ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: پارىخورلۇق چوڭ گۇناھتۇر. بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پارا بەرگۈچى ۋە پارا ئالغۇچىغا لەنەت قىلغان». [ئىمام ئەھمەد رىۋيىتى 6791-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3580-ھەدىس.  شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئىرۋائۇل غەلىيل ناملىق ئەسەردە 2621-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئەگەر ئىشىڭىزنى پارا بەرمەستىن ھەل قىلالايدىغان بولسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا پارا بېرىشىڭىز ھارام بولىدۇ.

    ئىككىنچى: ئالىملار ئەگەر ھەق ئىگىسى پارا بەرمەستىن ئۆز ھەققىنى ئالالمىسا، ئۇ ۋاقىتتا پارا بېرىپ ھەققىنى ئالسا توغرا بولىدۇ، ئالغۇچىغا ھارام بولىدۇ، بەرگۈچىگە ھارام بولمايدۇ دېگەن، بۇنىڭ دەلىلى: ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلارنىڭ بىرى مەندىن بىر نەرسە سورايدۇ، مەن سورىغىنىنى بىرىمەن، ئۇ كىشى بەرگەن نەرسىنى ئېلىپ ئوتنى ئۇلاشتۇرۇپ چىقىپ  كېتىدۇ، بەرگەن نەرسە ئۇلارغا ئوتتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ: ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن بىرىلا؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن ئۇلار مەندىن بەك سوراپ تۇرىۋالىدۇ، ئاللاھ مېنى بېخىل قىلمىدى» دېدى. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 10739-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ “تەرغىبنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا” 844-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىدىن بېخىللىق دېگەن ناچار سۈپەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن ھەتتا مال ئۇلارغا ھارام بولسىمۇ بېرىدۇ.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “بىر ئادەمدىن كېلىدىغان زۇلۇمنى چەكلەش ياكى ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىن ئالىدىغان ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن سوغات قىلسا، بىر نەرسە بەرسە، بۇ سوغات ئالغۇچىغا ھارام بولىدۇ، بەرگۈچى ئۆز ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن بەرسە بولىدۇ، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىستە بايان قىلغىنىغا ئوخشاشتۇر: «ھەقىقەتەن مەن ئۇلارنىڭ بىرىگە بىر نەرسىنى بېرىمەن…..». [“چوڭ پەتىۋا” 4-توم 174-بەت].

   يەنە مۇنداق دېگەن: ” ئالىملار خىزمەتچى ھەقنى چەكلەش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى زۇلۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پارا بەرسە بولىدۇ، ئەمما بۇ ئىشتا پارا ئىلىش ھارام بولىدۇ.

   شۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئەگەر بىر كىشى شائىرغا ياكى يازغۇچىغا ئۆزىنى يالغان سۆزلەر بىلەن سۆكمەيدىغان ياكى قارىلىمايدىغان ياكى يۈز ئابرويىنى چۈشۈرىدىغان چەكلەنگەن ھارام سۆزلەرنى قىلماسلىق توغرىسىدا بىر نەرسە بەرگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ بەرگىنى توغرا بولىدۇ، ئەمما زۇلۇم قىلماسلىق ئۈچۈن ئالغان نەرسە ھارام بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ باشقىلارغا زۇلۇم قىلىش ھەققى يوق، بەلكى باشقىلارغا زۇلۇم قىلماسلىقى كېرەك ئېدى.

    ھەر قانداق ئادەم كىشىلەرگە يالغان سۆزلىمەسلىك ياكى زۇلۇم قىلماسلىق ئۈچۈن مال ئالىدىكەن، ئۇ ھارامدۇر، چۈنكى زۇلۇم ۋە يالغانچىلىق ئەسلىدىنلا ئۇكىشىگە ھارامدۇر، ئۇ كىشى زۇلۇم قىلغان كىشىدىن مال ئالماستىن زۇلۇمنى تەرك قىلىشى كېرەك، ئەگەر مال ئېلىپ تەرك قىلسا، ئالغان مال ھارام بولىدۇ”. [“پەتىۋالار مەجمۇئەسى” 29-توم 252-بەت].

    يەنە “پەتىۋالار مەجمۇئەسى” 31-توم 278-بەتتە مۇنداق دېگەن: “ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر بىر كىشى باشلىققا ئۆزى بىلەن بىرگە بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ھەدىيە بەرگەن بولسا، ئۇ ئىش ھەدىيە بەرگۈچى ۋە ھەدىيە ئالغۇچى ھەر ئىككەيلەنگە ھارام بولغان ئىش بولسا، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە بايان قىلغان پاراخورلۇقتىن ئىبارەتتۇر. «ئاللاھ پارا ئالغۇچى ۋە پارا بەرگۈچىگە لەنەت قىلدى».

   بىر ئادەمدىن كېلىدىغان زۇلۇمنى چەكلەش ياكى ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىن ئالىدىغان ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن سوغات قىلسا، بىر نەرسە بەرسە، بۇ سوغات ئالغۇچىغا ھارام بولىدۇ، بەرگۈچى ئۆز ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن بەرسە بولىدۇ، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىستە بايان قىلغىنىغا ئوخشاشتۇر: «مەن ئۇلارنىڭ بېرىگە بىر نەرسە  بىرىمەن، ئۇ كىشى بەرگەن نەرسىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئوتنى ئۇلاشتۇرۇپ چىقىپ  كېتىدۇ» دېدى، ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن بىرىلا؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن ئۇلار مەندىن بەك سوراپ تۇرىۋالىدۇ، ئاللاھ مېنى بېخىل قىلمىدى» دېدى.

    شۇنىڭ جۈملىسىدىن: كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان كىشىنى زۇلۇمدىن چەكلەش ئۈچۈن بەرسە بەرگۈچىگە توغرا بولىدۇ، ئالغۇچىغا ھارام بولىدۇ.

     ئەمما يۈزلۈك كىشىگە ئۆزىگە شەپائەت قىلىپ قويۇش ئۈچۈن سوغات بەرگەن بولسا، يەنى: باشلىق يېنىدا ئۇ كىشىدىن زۇلۇمنى كۆتۈرۈۋېتىش ياكى ھەققىنى ئېلىپ بېرىش ياكى ئۇ كىشىنى قابىلىيىتىگە كۆرە بىرەر ئورۇنغا رەھبەر قىلىش ياكى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىش ياكى ئۇ كىشى كەمبەغەل بولسا يوقسۇللار، مېھمانلار، ئالىملار، ھاجىلار ۋە باشقا ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە بېرىدىغان مالدىن بېرىش قاتارلىق زۆرۈر بولغان ئىشنى قىلىشقا، ھارام بولغان ئىشنى تەرك قىلىشقا ياردەم بولىدىغان شاپائەتنى قىلىشى ئۈچۈن مال بەرگەن بولسا، بۇنداق ئىشقا سوغات ئېلىش توغرا بولمايدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئېلىش ياكى ئۆزىدىن زۇلۇمنى يوق قىلىش ئۈچۈن سوغات بەرگەن بولسا بۇ توغرا بولىدۇ، بۇ قاراش ئىلگىرىكى كاتتا ئىماملار ۋە سەلەپ ئالىملىرىدىن نەقل قىلىنغان”.

   تەقىيىددىن سۈبكى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پارىدىن بولغان مەقسەت، ھەقنى يوق قىلىش ۋە باتىلنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بېرىلگەن پارا مەقسەت قىلىنىدۇ، ئەگەر ئادىل ھۆكۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن بەرگەن بولسا، بۇ ئالغۇچىغا ھارام بولىدۇ، ئەمما ئۆز ھەققىنى پارا بېرىپ ئالمىسا ئالالمايدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا پارا بەرسە بولىدۇ، ئەگەر پارا بەرمەستىن ئېلىش ئىمكانىيىتى بولۇپ قالسا ئۇ ۋاقىتتا پارا بېرىش توغرا بولمايدۇ”. [“سۈبكى پەتىۋالىرى”1-توم 204-بەت].

      ئىمام سۇيۇتىي رەھىمەھۇللاھ:”ئەل ئەشباھ ۋەن نەزائىر” 150-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: يىگىرمە يەتتىنچى قائىدە جازانى ئېلىش، ئىپپىتىنى سېتىپ پۇل ئېلىش، رەمبال، چىمكەشچىلىك قىلىپ پۇل ئېلىش، پارا ئېلىش، ئۆلۈككە يىغلاپ بېرىپ پۇل ئېلىش ۋە ساز چېلىپ-ناخشا ئوقۇپ بېرىپ پۇل ئېلىش قاتارلىقلارغا  ئوخشاش(ئىلىش ھارام بولغان نەرسىنى بېرىشمۇ ھارام بولىدۇ).

    ئۆز ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن باشلىققا پارا بېرىش، ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پارا بېرىش، يۈز-ئابرۇيىنى تۆكىدىغان كىشىگە سوغات بېرىش قاتارلىقلار يۇقىرىقى ھۆكۈمىدىن ئىستىسنادۇر.

    ھەنەپى ئالىملاردىن “ئەل ھۇمەۋىي” “غەمز ئۇيۇنىل بەسائىر” ناملىق ئەسەردە: ئون تۆتىنچى قائىدىدە مۇنداق دەيدۇ: جازانى ئېلىش، ئىپپىتىنى سېتىپ پۇل ئېلىش، رەمبال، چىمكەشچىلىك قىلىپ پۇل ئېلىش، پارا ئېلىش، ئۆلۈككە يىغلاپ بېرىپ پۇل ئېلىش ۋە ساز چېلىپ-ناخشا ئوقۇپ بېرىپ پول ئېلىش قاتارلىقلارغا  ئوخشاش(ئىلىش ھارام بولغان نەرسىنى بېرىشمۇ ھارام بولىدۇ).  يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھۆكۈمىدىن تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ئايرىۋېلىنىدۇ:

   1-ئۆزىنىڭ مېلى ۋە جېنىنى قوغداش ئۈچۈن پارا بېرىش. بۇ بەرگۈچىگە توغرا بولىدۇ، ئالغۇچىغا ھارام بولىدۇ. “پىقھى توپلاملىرىدا” مۇنداق كەلگەن: “ھەنەفىي ئالىم “ئىبنى نۇجەيم” نىڭ “ئەل ئەشباھ” ناملىق ئەسىرى، شافىئىي ئالىم “زەركىشىينىڭ “ئەن مەنسۇر” ناملىق ئەسىرىدە: جازانى ئېلىش، ئىپپىتىنى سېتىپ پۇل ئېلىش، رەمبال، چىمكەشچىلىك قىلىپ پۇل ئېلىش، سوتچىغا ھەقسىز ھۆكۈم قىلىشى ئۈچۈن پارا بېرىش قاتارلىقلار ئوخشاش (ئىلىش ھارام بولغان نەرسىنى بېرىشمۇ ھارام بولىدۇ)، لېكىن ئۆز ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن باشلىققا پارا بېرىش، ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پارا بېرىش، يۈز-ئابرۇيىنى تۆكىدىغان كىشىگە سوغات بېرىش قاتارلىقلار يۇقىرىقى ھۆكۈمىدىن ئايرىۋېلىنىدۇ”.

    ئۇستاز دوكتۇر ۋەھبەتۇز زۇھەيلى مۇنداق دەيدۇ: “ئۆز ھەققىگە يېتىش ئۈچۈن پارا بېرىشتىن باشقا يول بولمىغاندا زۆرۈرەت ئۈچۈن پارا بەرسە بولىدۇ، ئالغۇچىغا ھارام بولىدۇ”.

     سۆزنىڭ خۇلاسىسى: سىزنىڭ پارا بېرىشىڭىز توغرا بولىدۇ، خىزمەتچىگە پارا ئېلىش ھارام بولىدۇ، بۇنىڭ ئىككى شەرتى بار:

    1-سىز پەقەت ھەققىڭىزنى ئېلىش ياكى زۇلۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پارا بەرسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ئۆزىڭىزگە ھەقلىق بولمىغان نەرسىنى ئېلىشىڭىز ھارام بولىدۇ ۋە ئۇ چوڭ گۇناھلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

    2-سىزنىڭ ھەققىڭىزنى ئېلىشىڭىز ياكى زۇلۇمدىن ساقلىنىشىڭىز ئۈچۈن پارا بېرىشتىن باشقا يول بولمىغاندا پارا بەرسىڭىز بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

Leave a Comment

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Scroll to Top