ئايباي تور بازىرىدا مال چىقىرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا، ئايباي تور بازىرى ئامازۇن تور بازىرىنىڭ يېنىدا بولۇپ، ئۇنىڭدا خېرىدارلارغا توردا مال يەتكۈزۈپ بېرىش يولى ئارقىلىق مال ساتىدۇ

سۇئال

    مەن ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان نەرسىنى سېتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، بۇ تېما توغرىسىدا تور بەتتىكى ھەممە جاۋاپلارنى كۆردۈم، ئەپسۇس، سوئال سورىغۇچىلار مەسىلىنى توغرا شەكىلدە ئوچۇق چۈشەندۈرەلمەپتۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن كۆڭلۈمنى راھەتلەندۈرۈش، ھارام بولسا تاشلاش ئۈچۈن بۇ توغرىدىكى ھەممە نەرسىنى ئوچۇق بايان قىلماقچى، مەسىلەن: توردا مال يەتكۈزۈپ بېرىش، تور دۇنياسىدا ئامازۇن ئىسىملىك سودا مەركىزى بولۇپ، ئۇ يەردە كىشىلەر ھەقىقى سودا-سېتىق قىلىدۇ، كىيىم-كېچەك قاتارلىق تۈرلۈك تىجارەتلەر بولىدۇ، توردا ئايباي ئىسىملىك يەنە بىر تىجارەت مەركىزى بار، بۇمۇ ئامازۇنغا ئوخشاش كەڭ دائىردىكى تور سودا بازىرى، لېكىن بۇ بازارنىڭ خېرىدارلىرى كۆپ، شۇنىڭ ئۈچۈن توردا مال يەتكۈزۈش سىستېمىسىغا كىشىلەر كېلىپ ئۇ يەردىمۇ يەنە بىر مال سېتىش ئورنى ئاچىدۇ، بۇ يەرگە ئامازۇن بازىرىدا بار بولغان كىيىم-كېچەكلەرنى بازارغا سالىدۇ، بۇ ماللار بىرىنچى بازاردىكىدىن باھاسى يۇقىرى بولىدۇ، خېرىدار بۇ بازارغا كېرىپ مال سېتىۋالماقچى بولسا، خېرىدار بىلەن دېيىشىپ ئۇنىڭغا مالنى ئامازۇندىن سېتىۋېلىپ بىۋاستە خېرىدارنىڭ ئادىرىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، مەن ئوتتۇرىدىكى پەرقنى ھازىرغىچە ھارام دەيمەن، مەسىلىنىڭ نېگىزلىك يېرىگە ئەمدى كەلدۇق، خېرىدار ماڭا پۇلنى بەرگەندە، ئۇستازلار ئويلىغاندەك مەن ئۇنىڭ پۇلىغا مال سېتىۋېلىپ ئەۋەتىدىغان ئىش يوق، مەن شۇ ۋاقىتتىلا ئۇ پۇلغا ئېرىشەلمەيمەن، بەلكى خېرىدارنىڭ پۇلى توردا تۇرىدۇ، مەن بىرىنچى بازارغا كېرىپ مالنى ئۆز ھېسابىمدىن سېتىۋېلىپ كېلىپ خېرىدارغا ئەۋەتىپ بېرىمەن، مال خېرىدارغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن خېرىدار تور بەتكە تاپشۇرغان مالنىڭ پۇلىغا ئېرىشەلەيمەن، مەسىلەن: بىر چاپان ئامازۇن بازىرىدا ئون دوللار، ئۇنى مەن ئايباي بازىرىدا ئون ئىككى دوللار باھا چېقىرىمەن، ئايباي بازىرىغا كىرگەن خېرىدار بۇنىڭغا قىزىقىپ چاپاننى سېتىۋېلىپ ئون ئىككى دوللارنى بېرىدۇ، لېكىن مەن بۇ پۇلنى سودا پۈتۈپ، خېرىدار مالنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ بولغاندىن كېيىن توردىن ئالالايمەن، مەن چاپاننى ئۆز ھېسابىمدىن سېتىۋالىمەن، يەنى مەن چاپانغا ئىگە بولىمەن، ئۇنى بىۋاستە خېرىدارنىڭ ئادىرىسىغا ئەۋەتىپ بېرىمەن، مال ئادرېسقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن سودا پۈتىدۇ، پۇل ماڭا ئائىت بولۇپ توردا قالىدۇ، لېكىن خېرىدارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە خېرىدار مالنى ياقتۇرمىسا قايتۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىش ئۈچۈن پۇلنى بىر ھەپتىدىن كېيىن ئالالايمەن، بۇ خېرىدارنى ئالداپ قويۇشتىن تولۇق ھىمايە قىلىشتۇر، مۇشۇ شەكىلدىكى مۇئامىلە بۇ شەكىلدە ھالال بولامدۇ ياكى ھارام بولامدۇ؟.

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئىنسان ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىنى سېتىش پەقەت ئالدىدىن پۇل تاپشۇرۇش سودىسىدىن باشقا سودىدا توغرا بولمايدۇ.

    ئىلگىرى 259320- نومۇرلۇق سۇئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلغاندەك، نەخ پۇل توردىكى ۋاستىچىنىڭ يېنىدا قالىدىكەن، ئۇنى دەرھال ئېلىش مۇمكىن بولمايدىكەن، بۇ ۋاقىتتا ئالدىدىن پۇل تاپشۇرۇش سودىسى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ سودىنىڭ شەرتى مالنى سودا قىلغان ئورۇندا تولۇق تاپشۇرۇپ ئېلىشتۇر، ئەگەر پۇلنى سىزنىڭ ھېسابىڭىزغا يوللىۋەتسىمۇ تاپشۇرۇپ ئالغان بولىدۇ، بىۋاستە ئېلىش مۇمكىن بولىدۇ، سوئالدا بايان قىلىنغان شەكىلدە بۇنداق بولمايدۇ.

    “مەتالىبۇ ئۇلىننۇھا” 3-توم 20-بەتتە مۇنداق دېگەن:”ساتقۇچى ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان ۋە سېتىشقا رۇخسەت بېرىلمىگەن ھەر قانداق نەرسىنى سېتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ھەكىم ئىبنى ھىزامنىڭ ھەدىسىدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «يېنىڭدا بولمىغان نەرسىنى ساتما» دېگەن، ئىبنى ماجە ۋە تىرمىزى سەھىھ دەپ رىۋايەت قىلغان.

   پەقەت سۈپەتلىرى بايان قىلىنغان يېنىدا يوق بولغان نەرسىنى سېتىش  ئالدىدىن پۇل تاپشۇرۇش سودىسىدا دۇرۇس بولىدۇ، بۇنىڭ دۇرۇس بولىشى، ئۇ كىشىنىڭ مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن تەسەررۇپ قىلىشنى قوبۇل قىلىشى ياكى پۇلنى سودا قىلغان ئورۇندا تاپشۇرۇپ ئىلىش شەرتى بىلەن بولىدۇ، ئەگەر يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى ئىشنىڭ بىرى ھاسىل بولمىسا، بۇ سودا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا قەرزنى قەرزگە ساتقانلىق بولىدۇ”.

    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، سوئالدا بايان قىلىنغاندەك سىزنىڭ ساتقان ۋاقىتتا ئىگە بولمىغان نەرسىنى سېتىشىڭىز توغرا بولمايدۇ.

    ئىنسان ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىنى سېتىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى دەلىل: ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ زات پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىر ئادەم مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ مەندە يوق بولغان نەرسىنى  تەلەپ قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا سېتىپ ئاندىن بازاردىن سېتىپ ئىلىپ بەرسەم توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «يېنىدا يوق نەرسىنى ساتمىغىن» دېگەن. [نەسائىي رىۋايىتى 4613-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3503-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 1232-ھەدىس. ئەلبانى سەھىھ دەپ “نەسائىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا” كەلتۈرگەن].

    ئىككىنچى: تور ئارقىلىق ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىنى سېتىشنى دۇرۇس قىلىدىغان ئىككى يول بار:

    بىرىنچى: سېتىۋېلىشنى بۇيرىغان كىشى بىلەن پايدىنى تەڭ ئۆلۈشۈش، سىز بىلەن مالغا قىزىققۇچى ئارىسىدا كېلىشىم بولىدۇ، سىز مالنى سېتىۋالىسىز ئاندىن ئۇ كىشىگە مەلۇم پايدا بېرىش بەدىلىگە ساتىسىز، بۇ تولۇق سودا ئەمەس ۋە ئىككى تەرەپ ئەمەل قىلىشى كېرەك بولغان ۋەدىمۇ ئەمەس، پەقەت كېلىشىم.

     سىزنىڭ سېتىۋالغۇچىنىڭ كەسكىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە، ئالدىدىن پۇلنىڭ ھەممىسىنى ياكى مەلۇم بىر قىسمىنى تەلەپ قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى مالنى سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى خىرىداردىن پۇل ئېلىش بولسا، ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدا ئاغزاكى ۋەدە ئەمەس بەلكى ئەمەل قىلىش كېرەك بولغان كېلىشىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئالدىدىن ئالغان پۇل بولسا ھەقىەتتە بۇ سودىنى تەكىتلەش ۋە ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈندۇر.

   بۇ ئىلگىرىكى ئىككى تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپنىڭ بىرى ۋاپا قىلىشى كېرەك بولمىغان ۋەدىنى شەرت قىلىشتىن ئىبارەت مەسىلىگە زىت كېلىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئىلگىرى 229091- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان. شۇنىڭدەك، خېرىدار بىلەن سودا قىلىشتىن ئىلگىرى مالنى سېتىۋېلىپ تاپشۇرۇپ ئېلىشى شەرت قىلىنىدۇ.

    مالنى سېتىۋېلىپ، تاپشۇرۇپ ئالسا ئاندىن خېرىدارغا ساتسا توغرا بولىدۇ. مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىشنى شەرت قىلىش بولسا، ھەكىم ئىبنى ھىزامدىن بايان قىلىنغان ھەدسىنىڭ بەزى تېكىستلىرىدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «بىر نەرسىنى سېتىۋالساڭ ئۇنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن ساتمىغىن» دېگەن. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 15399-ھەدىس. نەسائىي رىۋايىتى 4613-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى”سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى” 342-ھەدىس].

    زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سېتىۋالغان مالنى تىجارەتچى ئۆزىنىڭ دائىرىسىگە يۆتكەپ كەلمىگۈچە ئۇنى سېتىش توغرا بولمايدۇ.» [دارى قۇتنى ۋە ئەبۇ داۋۇد 3499-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ، “ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا” كەلتۈرگەن].

    شۇنىڭغا ئاساسەن، سىزنىڭ ئامازۇن بازىرىدىن خېرىدارنىڭ ئادىرىسىغا مال يەتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، بەلكى مالنى ئامازۇندىن خېرىدارنىڭ ئۆزى ياكى سىزنىڭ ۋەكىلىڭىز تاپشۇرۇپ ئىلىپ ئاندىن خېرىدارغا ساتسىڭىز بولىدۇ.

    ئىككىنچى: ھەق ئىلىپ ۋەكىل بولۇش.

    سىز خىرىداردىن ۋەكىل بولسىڭىز توغرا بولىدۇ، ئامازۇن بازىرىدا بار بولغان ۋە خېرىدار سېتىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان نەرسىلەرگە ئۇنىڭ ئۈچۈن توردىكى ئەسلى باھاسى بويىچە باھا قاتماستىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلاردىن ھەق ئالىسىز، بۇنىڭ شەرتى، مالنى ئۆزىڭىزنىڭ پۇلىڭىز بىلەن ئەمەس بەلكى خېرىدارنىڭ پۇلىغا سېتىۋالىسىز.

    ئۇ ۋاقىتتا مالغا سىزنىڭ ئىگە بولىشىڭىز ۋە تاپشۇرۇپ ئېلىشىڭىز شەرت ئېتىلمەيدۇ، بەلكى مالنى خېرىدارنىڭ پايدىسىغا سېتىۋالىسىز، ئامازۇندىكى مال ساتقۇچىدىن خېرىدارغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىسىز.

     لېكىن مالنىڭ توردىكى ۋاستىچىنىڭ يېنىدا بولىشى، سىزنىڭ مالنى ئۆز ھېسابىڭىزدىن سېتىۋېلىپ، يېنىڭىزدىن بېرىشىڭىز، سىزنىڭ خېرىدارغا قەرز بەرگەنلىكىڭىز بولىدۇ، بۇ ئالدىدىن پۇل تاپشۇرۇش سودىسى بىلەن ھەق بىلەن ۋاكالەت بولۇشنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈش بولىدۇ، بۇنداق قىلىش چەكلىنىدۇ، چۈنكى ئالدىدىن پۇل تاپشۇرۇش سودىسى بىلەن ھەق ئىلىش سودىسىنى بىرگە قىلىش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا توغرا بولمايدۇ.

    ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ ئەتراپتىكى تىجارەت توغرىسىدىكى قارارىدا مۇنداق كەلگەن: خېرىدارغا ۋاستىچىلىقنى شەرت قىلىش دېگەن، تىجارەتنى ۋاستىچىنىڭ يولى بىلەن قىلىش دېمەكتۇر، بۇ تىجارەت ئالدىدىن پۇل تاپشۇرۇش سودىسى بىلەن ھەق بىلەن ۋاكالەت بولۇشنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئىلىپ بارىدۇ، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئالدىدىن پۇل تاپشۇرۇش سودىسى بىلەن يەنە بىر سودىنى بىرگە قىلىش توغرا بولمايدۇ» دېگەن سۆزىگە ئاساسەن شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئالدىدىن پۇل تاپشۇرۇش سودىسى بىلەن يەنە بىر سودىنى بىرگە قىلىشنىڭ مەنىسىدە بولىدۇ. يۇقىرىدىكى ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ھەدىس كىتابىنىڭ 3-توم 384-بەتتە، تىرمىزى 3-توم 526-بەتتە ھەسەن سەھىھ دەپ بايان قىلغان.

    بۇ يول بىلەن بولغاندا قەرزدىن پايدىلىنىش كېلىپ چىقىدۇ، پىقھى ئالىملىرى ھەرقانداق پايدىغا ئىلىپ بارىدىغان قەرزنىڭ ھارام بولغان جازانىنىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ قارارىنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن 106094- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

     مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ ئىشنى قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى، بىز بايان قىلىپ بەرگەن شەرتلەرگە كۆرە بولغىنىدۇر. ئۇ سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يولدۇر.      

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

Leave a Comment

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Scroll to Top