ئاللاھنىڭ ئىسىم سۈپەتلىرى توغرىسىدىكى مەنپەئەتلىك قائىدە، “ئەنناسىخ” ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىنمۇ؟

سۇئال

    ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ‎ مَا نَنسَخْ مِنْ آيَةٍ أَوْ نُنسِهَا نَأْتِ بِخَيْرٍ مِّنْهَا أَوْ مِثْلِهَا ۗ أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ  ‏ تەرجىمىسى: «قانداقلا بىر ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى ئۇنتۇلدۇرساق، (ئورنىغا) ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئايەتنى كەلتۈرىمىز. ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» [سۈرە بەقەرە  106 –ئايەت].    بۇ ئايەتتىن “ئەنناسىخ” دېگەن ئىسىمنى ئېلىپ ئۇنى ئاللاھ تائالاغا قوشساق بولامدۇ؟ “نەسخ” ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىر سۈپەتمۇ چۈنكى ئۇنى ئاللاھ ئۆزىگە قېتىپتۇ؟بىرەر ئايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، بىز ئاللاھنىڭ كالامى ئەمەلدىن قالدى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغۇچى دېسەك توغرا بولامدۇ؟، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ سۆزىدىن خالىغاننى ئەمەلدىن قالدۇرامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ‎ مَا نَنسَخْ مِنْ آيَةٍ أَوْ نُنسِهَا نَأْتِ بِخَيْرٍ مِّنْهَا أَوْ مِثْلِهَا ۗ أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ  ‏ تەرجىمىسى: «قانداقلا بىر ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى ئۇنتۇلدۇرساق، (ئورنىغا) ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئايەتنى كەلتۈرىمىز. ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» [سۈرە بەقەرە  106 –ئايەت].

    بۇ ئايەتتىن “ئەنناسىخ” دېگەن ئىسىمنى ئېلىپ ئۇنى ئاللاھ تائالاغا قوشساق بولامدۇ؟ “نەسخ” ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىر سۈپەتمۇ چۈنكى ئۇنى ئاللاھ ئۆزىگە قېتىپتۇ؟بىرەر ئايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، بىز ئاللاھنىڭ كالامى ئەمەلدىن قالدى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغۇچى دېسەك توغرا بولامدۇ؟، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ سۆزىدىن خالىغاننى ئەمەلدىن قالدۇرامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى:  نەسخ يەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بولسا قۇرئان ئايەتلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە بىكىتىلگەن، ئەھلى سۈننەت ۋەلجامەئەت ئالىملىرى ئومۇمەن بىرلىككە كەلگەن بىر ئىش، شۇنداق ئاللاھنىڭ كالامىدا ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى ۋە ئەمەلدىن قالغۇرۇلغۇچى دېيىلىدۇ. شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىدىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغۇچى سۆز بار. بۇ توغرىدا تەپسىلى جاۋاپ ۋە دەلىللەرنى كۆرۈش ئۈچۈن 105746 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى:

   سۈننەت ئەھلىدىن بولغان جامائەتلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى توغرىسىدىكى ئەقىدىسى، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى توختىتىلغان بولۇپ، ھېچ قانداق بىر كىشىنىڭ ئاللاھ تائالا ئۆزىنى ئاتىمىغان ياكى ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاتىمىغان بىر ئىسىم بىلەن ئاللاھ تائالانى ئاتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى ئىسپاتلاشتا، ئەقىل، تەپەككۇر، ئىجتىھاد ۋە كۆڭۈل خائىشىغا ئورۇن يوق، بەلكى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ.

    شەيخ مۇھەممەد سالىھ بىن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى توغرىسىدا قۇرئان، ھەدىستە كەلگەن ئىسىملارغا توختاش زۆرۈر بولىدۇ، ئۇنىڭدىن زىيادە قىلىش ياكى كېمەيتىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئىسىملاردىن ئاللاھ تائالاغا لايىق بولغانلىرىنى ئەقىل بىلەن تىپىش مۇمكىن بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن دەلىل كەلگەندە توختاش زۆرۈر بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  ‏ وَلا تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولَئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْؤُولاً ‏  تەرجىمىسى: « بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)، ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى) ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ». [سۈرە ئىسرا 36 -ئايەت.]

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎  قُلْ إِنَّمَا حَرَّمَ رَبِّيَ الْفَوَاحِشَ مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَمَا بَطَنَ وَالأِثْمَ وَالْبَغْيَ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَأَنْ تُشْرِكُوا بِاللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَاناً وَأَنْ تَقُولُوا عَلَى اللَّهِ مَا لا تَعْلَمُونَ ‏ تەرجىمىسى:  «ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، كىشىلەرگە) ناھەق چېقىلىشنى، ( ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇشقا) ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى، ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى» [سۈرە ئەئراپ 33 –ئايەت].

   چۈنكى ئاللاھ تائالانى ئاللاھ ئۆزىنى ئاتىمىغان ئىسىم بىلەن ئاتاش ياكى ئاللاھ ئۆزىنى ئاتىغان ئىسىمنى ئىنكار قىلىش بولسا، ئاللاھنىڭ ھەققىدە جىنايەت سادىر قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭدا ئەدەپ يولىنى تۇتۇش كېرەك بولىدۇ، قۇرئان-ھەدىستە كەلگەن ئىسىملاردا توختاش كېرەك.  [“ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئېسىل سۈپەتلىرى توغرىسىدىكى ئۈلگىلىك قائىدە”  13 -بەت.]

    ئۈچىنچى: سۈننەت ئەھلىدىن بولغان جامائەتلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بابىدىكى قائىدىسىدىن:  ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى سۈپەتلىرىدىن خاسراق بولۇپ، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى بولسا پىلىدىن خاسراقتۇر، ئاللاھنىڭ پىلى توغرىسىدا ئورۇن كەڭرى، ئىسىملىرى توغرىسىدا ئورۇن ئاساسەن يوق، ھەقىقەتەن ئاللاھغا ئىسپاتلانغان سۈپەتتىن ئاللاھ تائالاغا ئىسىم ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئۆزىگە نىسبەت بېرىلگەن پىئلىدىنمۇ ئىسىم ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى بولسا ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن ئىسپاتلىنىدۇ، پېئلىنىڭ كۆپ قىسمى سۈپەتلىرىدىن ئېلىنىدۇ.

     ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى كۆپ ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ زاتىنى، سۈپەتلىرىنى ۋە پىئلىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنداق بولىشى ئاللاھنىڭ ئىسمىگە مۇناسىۋەتلىك، يەنى ئاللاھنىڭ ئىسمى لازىم ئىسىممۇ ياكى باشقىغا ئۆتىدىغان مۇتەئەددىي ئىسىممۇ شۇ بويىچە بولىدۇ، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى بولسا، ئاشۇ سۈپەتنىڭ ھېسابى بويىچە مەنانى ياكى پىئىلنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ “ئەررەھمان” دېگەن ئىسمى ئاللاھنىڭ زاتىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقلا رەھمەت سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ ۋە پىئىلنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا : «ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە رەھمەت قىلىدۇ» دېيىلىدۇ.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۇقەددەس زاتىنى بىلدۈرىدىغانلىقتا ھەممە ئالىملار ئىتتىپاق، ھەر بىر ئىسىم ئاللاھنىڭ سۈپىتىدىن بولغان بىر مەنانى بىلدۈرىدۇ، ئۇ باشقا بىر ئىسىم بىلدۈرگەن مەنا ئەمەس، ئەزىز دېسەك بۇ ئۆزىنىڭ ئىززىتى بىلەن ئۆزىنى بىلدۈرىدۇ، خالىق دېسەك باشقىلارنى يارىتىش بىلەن ئۆزىنى بىلدۈرىدۇ، ئەررەھىيم دېسەك، بەندىلەرگە رەھمەت قىلىش بىلەن ئۆزىنى بىلدۈرىدۇ، ئاللاھنىڭ ئۆزى ھەممە سۈپەتلىرىنى لازىم تۇتقۇچىدۇر، ھەر قانداق ئىسىم ئاللاھنىڭ زاتىنى ۋە مۇۋاپىق كېلىش يولى بىلەن ياكى ئۆز ئېچىگە ئېلىش يولى بىلەن  زاتىغا خاس بولغان سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ، لازىملىق يولى بىلەن يەنە بىر سۈپەتنى بىلدۈرىدۇ. [“پەتىۋالار مەجمۇئەسى”  7 -توم 185 -بەت. ]

     ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئىسىم ئاللاھقا مۇتلەق ئىشلىتىلگەندە، ئۇنىڭدىن مەسدەر ۋە پىلنى چېقىرىش توغرا بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىدىن پىئىل ۋە مەسدەر بولغان ھالەتتە خەۋەر بېرىدۇ، مەسىلەن: “ئەسسەمىيئ” “ئەل بەسىير”،  “ئەل قەدىير” دېسەك ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە قۇدرەت دېگەن مۇتلەق ئىشلىتىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن ئاشۇنىڭدىن بولغان پىئىللار بىلەن خەۋەر بېرىلىدۇ، بۇنىڭ مىسالى: ‎ قَدْ سَمِعَ اللَّهُ قَوْلَ الَّتِي تُجَادِلُكَ فِي زَوْجِهَا وَتَشْتَكِي إِلَى اللَّهِ‏  تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېرى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئاللاھقا شىكايەت قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى»[سۈرە مۇجادىلە 1 –ئايەت]. يەنە بىر ئايەتتە: فَقَدَرْنَا فَنِعْمَ الْقَادِرُونَ  تەرجىمىسى: بىز ئۇنى ئابىمەنىيدىن يارىتىشقا) قادىر بولدۇق، بىز( ئۇنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە يارىتىشقا) نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز! ». [سۈرە مۇرسەلات 23 -ئايەت.]

    ئەگەر پىئل ئۆتۈملۈك بولسا شۇنداق بولىدۇ، ئەمما پىئىل لازىم بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھدىن خەۋەر بېرىلمەيدۇ. مەسىلەن: “ئەلھەييۇ” دېسەك، بۇ پىئىلغا ئەمەس بەلكى ئىسىم ۋە مەسدەرگە مۇتلەق ئىشلىتىلىنىدۇ. “ھەيىيە” دېيىلمەيدۇ”. [“بەدائىئل پەۋائىد”  1 -توم 170 -بەت.]

    تۆتىنچى: ھېچ بىر كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ سۈپىتى ۋە پىلىدىن ئاللاھ ئۈچۈن ئىسىم ئىسپاتلىشى توغرا بولمايدۇ، مەسىلەن:  “يەبسۇتۇ” دېگەن پىئىلدىن ياكى “ئەل بەستۇ” دېگەن سۈپەتتىن ئاللاھ ئۈچۈن “ئەل باسىت” دەپ ئىسىم ئايرىش توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ: ‎تُؤْتِي الْمُلْكَ مَن تَشَاءُ وَتَنزِعُ الْمُلْكَ مِمَّنْ تَشَاءُ‏  تەرجىمىسى: « ئى ئاللاھ! خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن» [سۈرە ئال ئىمران 26 -ئايەت. ]

 “ئەل مۇئتى” ياكى “ئەن نازىئ” دېيىلمەيدۇ.

    شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ” ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنىڭ بابىدىن سۈپەتلىرىنىڭ بابى كەڭرىدۇر، ئۇنداق بولىشى: چۈنكى ھەرقانداق ئىسىم سۈپەتنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بۇ ئىلگىرى ئىسىملارنىڭ قائىدىسىدىن ئۈچىنچى قائىدىدە سۆزلەندى، چۈنكى سۈپەت دېگەن ئاللاھنىڭ پىئلىگە ئالاقىدار بولىدۇ، ئاللاھنىڭ پىلى چەكسىزدۇر، ئاللاھنىڭ سۆزى چەكسىز بولغانغا ئوخشاش. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‏ وَلَوْ أَنَّمَا فِي الأَرْضِ مِنْ شَجَرَةٍ أَقْلامٌ وَالْبَحْرُ يَمُدُّهُ مِنْ بَعْدِهِ سَبْعَةُ أَبْحُرٍ مَا نَفِدَتْ كَلِمَاتُ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ ‏ تەرجىمىسى: « ئەگەر يەر يۈزىدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى قەلەم بولغان، دېڭىز (سىيا) بولغان، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە دېڭىز(نىڭ سىياسى) قوشۇلغان تەقدىردىمۇ ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى( يېزىپ) تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە لوقمان 27 – ئايەت].

    بۇنىڭ مىساللىرىدىن: ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن:  “ئەل مەجىي”، “ئەل ئىتيان”، “ئەل ئەخزى”، “ئەل ئىمساك”. “ئەل بەتشۇ” قاتارلىق ساناقسىز سۈپەتلىرى بار. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَجَاءَ رَبُّكَ وَالْمَلَكُ صَفًّا صَفًّا‏ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ كەلگەن ۋە پەرىشتىلەر سەپ ـ سەپ بولۇپ كەلگەن چاغدا» [سۈرە پەجىر 22 –ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: هَلْ يَنْظُرُونَ إِلاّ أَنْ يَأْتِيَهُمُ اللَّهُ فِي ظُلَلٍ مِنَ الْغَمَامِ تەرجىمىسى: ئۇلار (يەنى ئىسلامغا كىرىشنى تەرك ئەتكەنلەر) ئاللاھنىڭ بۇلۇت پارچىلىرى ئىچىدە كېلىشىنى، پەرىشتىلەرنىڭ كېلىشىنى ۋە ئىشىنىڭ پۈتۈشىنىلا كۈتەمدۇ؟.» [سۈرە بەقەرە 210 –ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَأَخَذَهُمُ اللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ تەرجىمىسى: «گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى.» [سۈرە ئال ئىمران 11 -ئايەت،]

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كَدَأْبِ آلِ فِرْعَوْنَ وَالَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ كَفَرُوا بِآيَاتِ اللَّهِ فَأَخَذَهُمُ اللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ إِنَّ اللَّهَ قَوِيٌّ شَدِيدُ الْعِقَابِ تەرجىمىسى: بۇ (كاپىرلارنىڭ گۇناھ قىلىش ئادىتى) پىرئەۋن جامائەسى ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئادىتىگە ئوخشايدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلدى، گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.»[سۈرە ئەنپال 52 –ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَأَخَذَهُمُ اللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ وَمَا كَانَ لَهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَاقٍ تەرجىمىسى: « گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى.» [سۈرە غاپىر 21 –ئايەت]،

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَيُمْسِكُ السَّمَاءَ أَنْ تَقَعَ عَلَى الأَرْضِ إِلاّ بِإِذْنِهِ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئاسماننى توختىتىپ تۇرىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن (ئاسماننىڭ قىيامەت بولغان چاغدا) چۈشۈپ كېتىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا». [سۈرە ھەج 65 -ئايەت، ]

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ بَطْشَ رَبِّكَ لَشَدِيدٌ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ جازاسى شەك ـ شۈبھىسىز قاتتىقتۇر» [سۈرە بۇرۇج 12 –ئايەت]،

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ  تەرجىمىسى: « ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ» [سۈرە بەقەرە 185 –ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : « ئاللاھ تائالا ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشىدۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    قۇرئان ھەدىستە كەلگەن بويىچە ئاللاھ تائالانى مۇشۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەيمىز، ئۇنىڭ بىلەن ئاتىمايمىز، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن:”ئەل جائى” ، “ئەل ئاخىز”، “ئەل مۇمسىك”، “ئەل باتىش”. “ئەل مەرىيد”،” ئەن نازىل” قاتارلىقنى دېمەيمىز، ئەگەر بىز مۇشۇ ئىشلاردىن خەۋەر بەرگەن ۋاقتىمىزدا ئاللاھنى ئۇنىڭ بىلەن سۈپەتلەيمىز.  [“ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئېسىل سۈپەتلىرى توغرىسىدىكى ئۈلگىلىك قائىدە”  21 –بەت].

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە بىنائەن، (ئەن نەسخۇ) دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ پىئىللىرىدىن بولسىمۇ لېكىن ئاللاھ تائالانى “ئەن ناسىخ” دەپ ئاتاش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى توختىتىلغان بولۇپ، ئەن ناسىخ دېگەن ئىسىم قۇرئان، ھەدىستە كەلمىگەن، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى سۈپەتلىرىدىن تۈرلەپ چېقىرىش توغرا بولمايدۇ، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن  پىئىلدىن ئايرىپ چېقىشمۇ ئەسلىدىنلا بولمايدۇ.  

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

Leave a Comment

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Scroll to Top