ئاللاھقا يالۋۇرۇپ زىياننى كۆتۈرۋېتىشنى تىلەپ دۇئا قىلىش ياخشىمۇ ياكى ئۇنىڭغا سەۋىر قىلىش ياخشىمۇ؟

سۇئال

ئاللاھقا يالۋۇرۇپ زىياننى كۆتۈرۋېتىشنى تىلەپ دۇئا قىلىش ياخشىمۇ ياكى ئۇنىڭغا سەۋىر قىلىش ياخشىمۇ؟ .بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھقا يالۋۇرۇپ زىياننى كۆتۈرۋېتىشنى تىلەپ دۇئا قىلىش ياخشىمۇ ياكى ئۇنىڭغا سەۋىر قىلىش ياخشىمۇ؟ .بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر،

 پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ  رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     زىياننى كۆتۈرۈۋېتىشنى تىلەپ دۇئا قىلسا بولىدۇ، بەلكى بۇنداق دۇئا قىلىش ياخشى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى ئاللاھدىن تېنچلىق، ئاپىيەتنى سوراشقا قىزىقتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «دۈشمەنگە ئۇچرىشىشنى ئارزۇ قىلماڭلار، ئاللاھدىن تىنچلىق، ئاپىيەتنى سوراڭلار» [بۇخارى رىۋايىتى7237 – ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1742-ھەدىس].  

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېسەل يوقلىغان ۋاقىتتا مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى قىيىنچىلىقنى كەتكۈزىۋەتكۈچى، ئىنسانلارنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ! سېنىڭ شىپالىقدىن باشقا شىپالىق بولمىغان، قايتا كېسەل بولمايدىغان شىپالىق ئاتا قىلغىن.» [تىرمىزى رىۋايىتى3565-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.]

    ئوسمان بىن ئەبىل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەدىنىدىكى بىر ئاغرىقتىن شىكايەت قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە:  «بەدىنىڭدىن ئاغرىغان ئورۇنغا قولۇڭنى قويغىن ۋە ئۈچ قېتىم بىسمىللاھ دېگىن، يەتتە قېتىم: ئاللاھ بىلەن ۋە ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن بەدىنىمدە تىپىلغان ۋە ئاگاھ بولغان نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىنىمەن، دېگىن دېدى» . [مۇسلىم رىۋايىتى  2202-ھەدىس].

     ئاللاھ تائالا ئۆز خەلقىنىڭ ئەڭ تاللانغان خەلقىنى زىكىر قىلدى، ئۇلار بولسا ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن، ئۇلار زىياننى كۆتىرۋېتىشنى تىلەپ ئاللاھ تائالا دۇئا قىلاتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَيُّوبَ إِذْ نَادَى رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِي الضُّرُّ وَأَنْتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ . فَاسْتَجَبْنَا لَهُ ‏تەرجىمىسى: «ئەييۇبنىڭ قسسەسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ پەرۋەردىگارىغا:  ھەقىقەتەن مېنى بالا (يەنى قاتتىق كېسەل) ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن دەپ دۇئا قىلدى. » [سۈرە ئەنبىيا 83 –ئايەت].

    يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَذَا النُّونِ إِذْ ذَهَبَ مُغَاضِبًا فَظَنَّ أَنْ لَنْ نَقْدِرَ عَلَيْهِ فَنَادَى فِي الظُّلُمَاتِ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنتُ مِنْ الظَّالِمِينَ . فَاسْتَجَبْنَا لَهُ وَنَجَّيْنَاهُ مِنْ الْغَمِّ وَكَذَلِكَ نُنْجِي الْمُؤْمِنِينَ‎‏ تەرجىمىسى: «يۇنۇسنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغىن) . ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) خاپا بولۇپ)  شەھىرىدىن) چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىزنى (بېلىقنىڭ قارنىدا) ئۆزىنى قىسمايدۇ دەپ ئويلىدى، ئۇ قاراڭغۇلۇقتا (يەنى بېلىقنىڭ  قارنىدا) ، پەرۋەردىگارىم)  سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سەن (جىمى كەمچىلىكلەردىن)پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەپسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم، دەپ نىدا قىلدى.» [سۈرە ئەنبىيا 87 -ئايەت.]

 لەبىيد بىن ئەئسەم يەھۇدىينىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سېھر قىلغانلىقى ئىسپاتلانغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن ئۆزىنى بۇ ئاپەتتىن ساقلاشنى تىلەپ  دۇئا قىلغان.

     ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:  بەنى زۇرەق يەھۇدىيلىرىدىن بولغان لەبىيد بىن ئەئسەم دېگەن يەھۇدىي پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى سېھىر قىلدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قىلمىغان ئىش قىلغاندەك خىيال قىلىناتتى، ھەتتا بىر كۈنى ياكى بىر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇئا قىلدى ئاندىن يەنە دۇئا قىلدى ئاندىن يەنە دۇئا قىلدى، ئاندىن مۇنداق دېدى:  ئى ئائىشە!  تۇيدىڭىزمۇ، مەن ئاللاھ تائالادىن سورىغان ئېشىمدا، ئۇ ئىش توغرىسىدا ماڭا خەۋەر بەرگەن، ھەدىسنىڭ ئاخىرغىچە…..

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىستىكى، « ھەتتا بىر كۈنى ياكى بىر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇئا قىلدى ئاندىن يەنە دۇئا قىلدى ئاندىن يەنە دۇئا قىلدى» بۇ سۆز ئىنسان ياخشى كۆرۈلمەيدىغان ئىشلارغا دۇچار بولغاندا ئاللاھ تائالاغا گۈزەل بىر شەكىلدە ئىلتىجا قىلىپ، تەكرار دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ”.

    بۇنىڭدىن شۇنى رۆشەن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ بالا-مۇسىيبەتلەرنى كۆتۈرۋېتىشنى تىلەپ دۇئا قىلىش بىلەن ئۇنىڭغا سەۋىر قىلىشنىڭ ئارىسىدا ھېچ زىتلىق يوقتۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بىزنى دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە  ئۆزىگە يالۋۇرۇشقا بۇيرىدى، بىزنىڭ ئاللاھقا قىلغان دۇئايىمىز ئىبادەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎‏وَقَالَ رَبُّكُمْ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ‎ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن» [سۈرە غاپىر 60-ئايەت].

ئاللاھ تائالا بىزنى يەنە سەۋىر قىلىشقا بۇيرىدى ۋە سەۋىر قىلغانلىققا كاتتا مۇكاپات بېرىشنى ۋەدە قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   ‏إِنَّمَا يُوَفَّى الصَّابِرُونَ أَجْرَهُمْ بِغَيْرِ حِسَابٍ  ‏تەرجىمىسى : «پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ» [سۈرە  زۇمەر 10 -ئايەت.]

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بولسا كىشىلەر ئارىسىدا ئەڭ بەك سەۋىر قىلغۇچى، ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە بەك رازى بولغۇچى زات تۇرۇغلۇق قىيىنچىلىققا يولۇققاندا رەببىگە يالۋۇرۇپ دۇئا قىلدى. مانا بۇ دۇئانىڭ سەۋىرگە زىت كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى سەۋىر دېگەن نەپسىنى ئاللاھنىڭ قازاي- قەدەرىگە ئىتىراز بىلدۈرمەسلىك، قارشى تۇرماسلىق ۋە ئۇنى ئۆچ كۆرمەسلىككە كۈندۈرۈش ۋە بېسىش دېمەكتۇر.

    بۇ يەردە دۇئا بىلەن سەۋىردىن ئىبارەت بولغان ئىككى ئىبادەتنىڭ ئارىسىنى جۇغلاشتىن چەكلەيدىغان بىر چەكلىمە يوق، بەلكى بۇنداق قىلىش ئەڭ ياخشى ۋە مۇكەممەل بىر ئىشتۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق قىلغان. ئاللاھ تائالادىن بىزگە دىننى توغرا چۈشىنىدىغان چۈشەنچە ئىلھام قىلىشنى سورايمىز.  

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

Leave a Comment

Your email address will not be published. Required fields are marked *

Scroll to Top